ئامېرىكا: ئەردوغاننىڭ پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئاشلىق كېلىشىمى سۆھبىتىدىن ئۈمىدۋارمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلۈۋاتقان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىجابىي بولۇشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2015618
ئامېرىكا: ئەردوغاننىڭ پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئاشلىق كېلىشىمى سۆھبىتىدىن ئۈمىدۋارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پۇتىن بىلەن ئاشلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇچرىشىشتتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مىللېر ئەردوغاننىڭ پۇتىن بىلەن ئاشلىق كېلىشىمى توغرىسىدىكى باياناتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۆلچەرلەنگەن ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىللېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سىلەرنىڭمۇ بىلگىنىڭلاردەك، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە كۈنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، پىرېزىدېنت پۇتىننى قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشىكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مىللېر، تۈركىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر