ئەزەربەيجان بىلەن پاكىستان گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى

پاكىستان ئەزەربەيجان بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) تەمىنلەش ئۈچۈن «جانلىق شەرتلەر» ئاستىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

2015690
ئەزەربەيجان بىلەن پاكىستان گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان رادىيوسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لاھوردىكى «پاكىستان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى» بىلەن ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە شىركىتى-سوكار (SOCAR) ئوتتۇرىسىدا جانلىق شەرتلەر ئاستىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالانغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ بىر يىل كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما يەنە بىر يىل ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاھباز شەرىف ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنى كېلىشىمدىكى رولى ئۈچۈن ماختىدى.

شاھباز شەرىف پاكىستاننىڭ ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۈچۈن ئىسلامئاباد، كاراچى ۋە لاھورغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن، پاكىستان خام نېفىت ئىمپورت مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى باشلىغان ئىدى.

پاكىستان رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان 100 مىڭ توننا خام نېفىتنىڭ 45 مىڭ تونناسىنى  توشۇغان تۇنجى پاراخوت 11-ئىيۇن (2023) كاراچىغا يېتىپ باردى.

پاكىستان مىنىستىرلار كابىنېتى 15-ئىيۇن ئەزەربەيجاندىن ئېتىبار باھادا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر