پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇر ھەر يىلى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان سالماقتا

پاكىستاندا 25-ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ۋە ھادىسىلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 133 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 215 كە يەتتى.

2015737
پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇر ھەر يىلى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىددەتلىك ياغقان يامغۇر پۈتكۈل مەملىكەتتە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.

پاكىستاندا 25-ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ۋە ھادىسىلەردە پەنجاپتا 65، خەيبەر پاختونخۋادا بەش، سىندتا 10، بېلۇچىستاندا ئالتە، ئىسلامئابادتا 11، ئازاد جاممۇ كەشمىردە بەش، گىلگىت بالتىستاندا بىر كىشى بولۇپ، جەمئىي 133 كىشى قازا قىلغان.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر پاكىستاننىڭ ساياھەت رايونى گىلگىت بالتىستاندا قاپسېلىپ قالغان.

پاكىستاننىڭ سودا مەركىزى كاراچىدىمۇ يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىدا كوچىلار سۇ ئاستىدا قالدى. ئۆي ۋە دۇكانلارنى سۇ باستى.

ھەر يىلى ئىيۇن ئېيىدىن سېنتەبىرگىچە داۋاملشىدىغان پەسىللىك يامغۇر پاكىستانغا ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا.

پاكىستاندا ئۆتكەن يىلى (2022)، شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن 1739 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ھەمدە ئاپەتنىڭ دۆلەتكە 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان سالغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر