ھاقان فىدان ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا تەرەققىيات ۋە كۆچمەنلەر كېڭىشى يىغىنى» غا قاتناشتى.
2015017
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ساھىبخانلىق قىلغان يىغىندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ۋە كۆچمەنلەر دولقۇنىنى مەنبەسىدە توختىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.
مىنىستىر فىداننىڭ يىغىن دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئېچىشىشلاردا بولىشى مۆلچەرلەنمەكتە.