پۇتىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا جاۋاب بەردى.

2013632
پۇتىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا چاقىرىلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پېسكوۋ: «بۇ تولۇق قاتنىشىش بولىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ كېسەك ئالتۇن باشلىقلار يىغىنىغا يۈزتۇرانە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 كېلەر ئاي چاقىرىلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەۋەلىكىگە كىرگەن تەقدىردە، رۇس رەھبەر پۇتىننى قولغا ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن دۆلىتىگە كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان پۇتىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قولغا ئېلىنىشىنىڭ، ئۇرۇش سەۋەبى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر