باغدادتا شىۋېيتسىيە ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا شىۋېيتسىيە ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

2013804
باغدادتا شىۋېيتسىيە ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەر مۇقتەدا ئەسسەدر رەھبەرلىكىدىكى سەدر ھەرىكىتىگە قاراشلىق گۇرۇپپىلار شىۋېيتسىيەنىڭ ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى  ئەلچىخانىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، بىر قىسىم جايلىرىغا ئوت قويۇپ بەردى.

سەدر ھەرىكىتى تەرەپدارلىرى شىۋېيتسىيەنىڭ باغداد ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا توپلىنىپ، شىۋېيتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى.

 نامايىشچىلار ئەلچىخانا ئەتراپىدىكى توساقلارنى بۇزۇپ، شىۋېيتسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا ئەلچىخانا ھويلىسىغا بېسىپ كىردى، ئاندىن ئەلچىخانا بىناسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ئوي قويۇپ بەردى.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىۋېيتسىيەنىڭ باغداد ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىش قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھەرىكەت دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز  شىۋېيتسىيەنىڭ باغداد ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلەرنى تۇتۇپ، قانۇن بويىچە جازالاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ۋەقەنى تەكشۈرۈش توغرىلىق يوليۇرۇق چۈشۈردى.»

سەدر ھەرىكىتى تەرەپدارلىرى ئىلگىرىمۇ شىۋېيتسىيە ئەلچىخانىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر