تۇنىس ۋە سېنېگال دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە نۇرغۇن كۆچمەنلەر جېنىدىن ئايرىلغان

تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە 13 كۆچمەننىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئاتلانتىك ئوكياندا 260 كۆچمەن يوقاپ كەتكەن.

2011277
تۇنىس ۋە سېنېگال دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە نۇرغۇن كۆچمەنلەر جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس دۆلەت مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى سافاكس شەھىرى دېڭىز قىرغىقىدا 13 كۆچمەننىڭ جەسىتىنى تاپقان، 25 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتكۈزىدىغان ئادەم ئەتكەسچىلىك تورىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سېنېگالدىن ئىسپانىيەگە قاراپ يولغا چىققان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ سەككىز ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

سېنېگال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، كافونتىن يېزىسى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئىسپانىيەنىڭ كاناريا ئاراللىرىغا قاراپ يولغا چىققان كېمىنىڭ ساينت لۇئىس شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان سېنېگال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئانتويېن فېلىكس دىيوم كېمىدە 60 كىشىنىڭ بارلىقىنى، سەككىز كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيە ئاممىۋى تەشكىلات كامىناندو فرونتېراس (يۈرۈگەن چېگرالار)  تەشكىلاتى 23-ئىيۇن 60 كۆچمەننى، 27-ئىيۇن 65 ۋە 200 كۆچمەننى ئېلىپ كافونتىن دېڭىز تەۋەلىكىدىن يولغا چىققان ئۈچ  كېمىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سېنېگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەنى رەت قىلىپ، 28-ئىيۇندىن 9-ئىيۇلغىچە ماراكەشنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 260 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سېنېگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلگەن 260 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ، ئىسپانىيە ئاممىۋى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان غايىب بولغان كۆچمەنلەر ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر