شىۋېتسىيە: تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز

شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسون خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2011115
شىۋېتسىيە: تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسون «‹ئافتونبلادېت› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇسدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ئەنقەرەنىڭ تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە ناتو ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى بىلەن، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنۇش قارارى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرىمىز. چۈنكى بۇ ھەم بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ھەم تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم.»

جونسون بىر ژۇرنالىستنىڭ «لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان  كېلىشىم نەتىجىسىدە، شىۋېتسىيە پ ي د/ي پ گ نى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى <تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى> دەپ قارامدۇ؟»  دېگەن سولىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن، چۈنكى مەن يىغىنغا قاتناشمىغان، يىغىنغا ئەدلىيە مىنىستىرى گۈننار ستروممېر قاتناشقان ئىدى.»

جونسون قايسى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنىڭ، تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىگە مۇنداق بىر بەلگىلىمە كىرگۈزۈلگەن: «فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ناتونىڭ كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بارلىق خىرىسلارغا قارشى تۈركىيەنى تولۇق قوللايدۇ. بۇ دائىرىدە فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ي پ گ/پ ي د ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىمايدۇ. تۈركىيەمۇ فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان خىرىسلارغا قارشى بۇ ئىككى دۆلەتنى تولۇق قوللايدۇ.»

ناتونىڭ لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تۈركىيە - شىۋېتسىيە-  ناتو  ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىمۇ، شىۋېتسىيەنىڭ تۆۋەندىكى ۋەدىسى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «شىۋېتسىيە ي پ گ/پ ي د ۋە تۈركىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتنى قوللىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر