زېلېنسكىي: ئاشلىق كېلىشىمى مەسىلىسىدە ب د ت باش كاتىپىنىڭمۇ خىزمەت ئىشلىشىگە ئېھتىياج بار

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭمۇ خىزمەت ئىشلىشىگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

2010863
زېلېنسكىي: ئاشلىق كېلىشىمى مەسىلىسىدە ب د ت باش كاتىپىنىڭمۇ خىزمەت ئىشلىشىگە ئېھتىياج بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە ھېچكىم بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلغان ھەقىقىي سىياسىي قارار بولىدۇ.»

زېلېنسكىي ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ «كۈچلۈك مۇداپىئە تەستىقنامىسى» گە ئېرىشكەنلىكلىرىنى ۋە بۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەرقانداق سالاھىيەتنى دەپ ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز زېمىنىمىزنى ئەسلا توڭلاپ قالغان توقۇنۇشلار بىلەن ئالماشتۇرمايمىز. دەرۋەقە، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىمىز شېرىكلىرىمىزگىمۇ  بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە.»

زېلېنسكىي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا - شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى يىغىنىدا قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە بىرقاتار خىرىسلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا بۇ مەسىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭمۇ خىزمەت ئىشلىشىگە ئېھتىياج بار. چۈنكى تۈركىيە تەرەپنىڭ رۇسىيە بىلەن بۇ ھەقتە كېلىشىملىرى بار.»

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ھېچقانداق بىر كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشقا توسالغۇ  بولۇۋاتقىنىمىز يوق. دەرۋەقە بىز رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزمىدۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  ۋە تۈركىيە رۇسىيە بىلەن پۈتۈشتى. بۇ كارىدور لازىم، دەرۋەقە بۇ كارىدور ئىشقا ياراۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر