ئىسپانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

2010864
ئىسپانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىسپانىيەنىڭ  باش ۋەزىرى سانچېز بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە دائىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ يىراق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز بۇ ئايلاردا (ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىكى مەزگىلىدە) قانداق قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بېكىتىۋېلىشىمىز كېرەك. ئىسپانىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە بىزدىن قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتقان ۋىزىسىز ساياھەت ۋە تاموژنا ئىتتىپاقى كېلىشىمىنى تەڭشەش مەسىلىسىگە ھەر دائىم ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتىمىز.»

سانچېز ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۆز ئالدىغىلا قارار چىقىرالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىككى مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى ھوقۇقى دائىرىسىدە قوللىرىدىن كېلىشىچە كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنىڭ بارلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر