ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامىغا چەكلىمە قويدى

ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى شەيخ ئىكرىمە سابرىغا ئۇنىڭ «چەت ئەل ساياھىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ ئالتە ئايلىق ساياھەت چەكلىمىسى قويدى.

2010217
ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامىغا چەكلىمە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىكرىمە سابرىنىڭ قانۇن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنىدىن بىر ئەترەتنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە سابرىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، سابرىغا، ئۇنىڭ «چەت ئەل ساياھىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ ئالتە ئايلىق ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنىدىن بىر ئەترەت ئالدىنقى ئايدىمۇ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى شەيخ ئىكرىمە سابرىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭ «چەت ئەلگە قىلغان سەپەرلىرىدە ئىسرائىلىيەگە قارشى زىيانلىق ئىشلارنى قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭغا بىر ئايلىق ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى، بۇ چەكلىمە مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى يەتكۈزگەنىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىلگىرىمۇ شەيخ سابرىنىڭ ئۆيىگە كۆپ قېتىم بېسىپ كىرگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا مەسجىدى ئەقساغا يېقىنلاشماسلىق جازاسى بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر