شويگۇ: رۇسىيەنىڭ بومبىلىرى ئامېرىكانىڭكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ۋە خىلمۇ خىل

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ رۇسىيەنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى مىسكەت بومبىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ئۇكرائىناغا مىسكەت بومبىسى ئەۋەتسە، رۇسىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە ئۇكرائىناغا قارشى ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

2010236
شويگۇ: رۇسىيەنىڭ بومبىلىرى ئامېرىكانىڭكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ۋە خىلمۇ خىل

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرىنىڭ ھېچقايسى سەپتە مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «4-ئىيۇن (2023) دىن بۇيان دۈشمەن 26 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىدىن ۋە 3 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل قورال-ياراغلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى» دېدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ 21 ئايروپىلانى ۋە بەش تىك ئۇچارىنى، 1244 تانكا ۋە بىرونىۋىكىنى، گېرمانىيەدە ياسالغان 17 دانە يىلپىز ناملىق تانكىسىنى، فىرانسىيەدە ياسالغان بەش دانە چارقلىق تانكىسىنى، ئامېرىكادا ياسالغان 12 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلىنى، ئىككى دانە ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسىنى، 25 دانە كۆپ ستىۋوللۇق راكېتاسىنى، پولشا، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدە ياسالغان 403 دانە زەمبىرىكىنى  پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ كىيېۋنى مىسكەت بومبىسى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلارنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۇكرائىناغا مىسكەت بومبىسى ئەۋەتسە، رۇسىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە ئۇكرائىناغا قارشى ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىلىنگىنىدەك، رۇسىيەنىڭ بارلىق ئەھۋاللار ئۈچۈن مىسكەت بومبىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىنىشى كېرەك. يەنە كېلىپ، رۇسىيەنىڭ بومبىلىرى ئامېرىكانىڭكىگە قارىغاندا ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە خىلمۇ خىللىققا ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر