نېپالدىكى ئېۋىرېست تېغىدا بىر تىك ئۇچار يوقاپ كەتتى
نېپالدا ئېۋىرېست تېغى رايونىدا 6 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان تىك ئۇچار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
2009718
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېۋىرېست تېغى چوقۇسىدىن پايتەخت كاتماندۇغا قايتىش سەپىرىدە راداردىن غايىب بولغان تىك ئۇچاردا ئۇچقۇچى بىلەن 5 چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار ناچار ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن تىك ئۇچارنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 6 كىشىنى ئىزدەش خىزمىتى باشلاندى.