پاكىستاندا  شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 17 ئادەم قازا قىلدى

پاكىستاندا تۈنۈگۈندىن باشلاپ ياغقان پەسىللىك شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى.

2008442
پاكىستاندا  شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 17 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى پەسىللىك شىددەتلىك يامغۇر كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

لاھوردا بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 14 ئادەم يارىلانغان.

لاھورنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەسىللىك شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ئۈچ ئادەم قازا قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ ياغقان پەسىللىك شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتكەن.

ئالاقىدار تارماقلار كەڭ خەلق ئاممىسىنى جېلۇم ۋە چېنباد دەريالىرىنىڭ تېشىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر