مىچوتاكس: ياۋروپا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ياردەم قىلىشى مۇمكىن

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېڭى ئىقتىسادىي ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2005713
مىچوتاكس: ياۋروپا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ياردەم قىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچوتاكىس بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇستا كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ رامكىسىنى يېڭى ئاساسقا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يېقىنقى مەزگىللەردە تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىلەرنىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇنلا توسۇپ قېلىنىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقداش بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇم. يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى قوللاش ئۈچۈن نۇرغۇن مىليون ياۋرو بەردى ۋە تېخىمۇ كۆپ بېرىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق خامچوتىنى قايتا بېكىتكەندە، كەلگۈسىدە تۈركىيەنى قوللاش ئۈچۈن قوشۇمچە ماددا قويۇش مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر