«دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر بىر كىشى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك»

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قىلچە قورقماستىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2005143
«دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر بىر كىشى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

ترۇدو قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كۈنلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيت بىزگە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ (ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان) تائەت – ئىبادەت ۋە پىداكارلىق (قۇربانلىق) ھېكايىسىنى خاتىرىلىتىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئائىلىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ،  تائەت – ئىبادەت قىلىشى، قۇربانلىق گۆشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەك - ئىچمەكلىرىدىن  ئېھتىياجلىق كىشىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى، كانادادىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەر كۈنى مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى نامايان قىلىشى، كۆيۈمچانلىق ۋە خەير - ساخاۋەتلىك قىممەت قارىشى ھەممىمىز ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسىدۇر.»

ترۇدو كانادا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قىلچە قورقماستىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىئىزچىل  داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز بىر گەۋدىگە ئايلانغاندىلا ئاندىن ھەممە ئۆزىنى بىخەتەر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ھېس قىلىدىغان بىر كانادا قۇرۇپ چىقالايمىز. كانادا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن ۋىدېولۇق ئۇچۇرىنى «Eid Mubarak!» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو يازما ئۇچۇرىدىمۇ ئەرەب تىلىدا «عيد مبارك!» ئىبارىسىنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر