پىرېزىدېنت بايدىن قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۇنيادىك بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

2004864
پىرېزىدېنت بايدىن قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئامېرىكا ھەمدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ، تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ يىل (2023) ئاقسارايدا بىرىنچى قېتىم مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خاررېس ۋە يولدىشىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ھالدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى تېخىمۇ بېيىتقان ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان  مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنى كۈتۈۋېلىشتىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە دۆلەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ياشىشى، خىلمۇ خىللىقىمىزنى، سىغدۇرۇشچانلىقىمىزنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرگە بولغان ۋەدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.

ئۇ مېھىر-شەپقەت، باشقىلارنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ، قۇربان ھېيتتا ئادا قىلىنىدىغان ھەج ئىبادىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھېيتتا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەج ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاق رەڭلىك ئېھرامنى كىيىپ، ئىنسانلارنىڭ تەڭ-باراۋەرلىكىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىدىيە، دۆلىتىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەممىمىز باراۋەر يارىتىلغان، بىز ياشاش، ئەركىنلىك ۋە بەخت قوغلىشىش ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە، دېگەن ئىدىيەگە ئوخشايدۇ. قۇربان ھېيت قەلبىڭلارغا ۋە ئۆيۈڭلارغا خۇشاللىق، تىنچلىق، ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئېلىپ كەلسۇن. بىز ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغان ئامېرىكالىق ھاجىملارنى دۆلىتىمىزدە قارشى ئېلىش ئۈچۈن تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز. بىز ئۇلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتنى خۇشال ۋە تىنچ ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز. قۇربان ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن!»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى، ھەج ئىبادىتىنى قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر