ھوندۇراستا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى قازا قىلدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراسنىڭ شىمالىدا بىر بىليارتخانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى قازا قىلدى.

2004231
ھوندۇراستا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ھوندۇراس يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورتىس ئۆلكىسىگە قاراشلىق چولوما شەھىرىدە بىر بىليارتخانىغا قوراللىق كىشىلەر بېسىپ كىرىپ، ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغان ۋە بىر ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 11 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇرغان.

ھوندۇراستا 20 - ئىيۇندا ئاياللار تۈرمىسىدە توپىلاڭ يۈز بەرگەن بولۇپ، 46 ئايال مەھبۇس ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر