«ۋاگنېر كرىزىسى» سەۋەبىدىن ئاۋسترىيە پۇقرالىرىنى رۇسىيەگە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئاۋسترىيە پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدىكى «ۋاگنېر كرىزىسى» سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ بولۇپمۇ ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن شەھەرلىرىگە بارماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

2004029
«ۋاگنېر كرىزىسى» سەۋەبىدىن ئاۋسترىيە پۇقرالىرىنى رۇسىيەگە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، رۇسىيەگە قارىتا قىسمەن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنىپ، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ  ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رايونلارغا بارماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

مىنىستىرلىق ئاۋسترىيە پۇقرالىرىنىڭ بولۇپمۇ چېگرادىكى روستوۋ شەھىرىدىن ئۇزاق تۇرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

باياناتتا، ۋەقەلەرنى مەتبۇئاتلاردىن يېقىندىن كۆزىتىشى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئاۋسترىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى لازىملىقى تەۋسىيە قىلىندى.

بۇ جەريانادا باش مىنىستىر كارل نېخاممېرمۇ رۇسىيەدىكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋىيىسىدە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يادرو قوراللارنىڭ خاتا كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشمەسلىكى كېرەكلىكى» مەسىلىسىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىىلىقىمۇ رۇسىيەگە ساياھەتكە بارسلىق ھەققىدىكى  ئاگاھلاندۇرۇشىنى يېڭىلىدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى، موسكۋا، سانت پېتىرسبۇرگ ۋە روستوۋغا بارماسلىق ھەققىدىكى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى قايتا تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر