رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدلىبكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلدى.

2004034
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدلىبكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە تەۋە ئايروپىلان  كۆزىتىش مەركىزىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن لازىقىيەنىڭ ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقان رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدلىبنىڭ بىسبەت، بىدەمە ۋە بىكەفلە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

سۈرىيە خەلق مۇداپىئە (ئاق قالپاقلىقلار) ئەترىتىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بىسبەت يېزىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 2 پۇقرا قازا قىلغان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر