خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى

ئامېرىكادا خىتاينىڭ خىمىيەلىك شىركەتلىرى تۇنجى قېتىم فانتانىل ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەندى.

2004032
خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مەركىزى خىتايدا تۇرۇشلۇق 4 خىمىيەلىك شىركەت ۋە خىتاي پۇقراسى 8 كىشى ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر كىشىلەر ۋە شىركەتلەرگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش ​​ تارماقلىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىدا 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق فېنتانىل ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلار قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇسادىرە قىلىنغان 200 كىلوگىرام خىمىيەلىك ماددىنىڭ تەخمىنەن 25 مىليون ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرۈشكە يېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەدلىيە مىنىستىرى مېررىك گارلاندنىڭ  دۆلەتتە فانتانىل ئەتكەسچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتىشقىچە بولغان ھەر بىر باسقۇچنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گارلاند بۇنىڭ ئۈچۈن مېكسىكا شايكىلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ شايكىلارنى فانتانىل ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەۋاتقان مەركىزى ئىشخانىسى خىتايدا تۇرۇشلۇق خىمىيەلىك شىركەتلەرنىمۇ ئىز قوغلاپ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گارلاند ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ فانتانىل ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

نيۇيورك جەنۇبىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇپەتتىشى دامىئان ۋىللىيامىسمۇ ئەيىبلەنگەن شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان بىر ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە سېتىش دېرىكتورىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا ھەر كۈنى 150 دىن ئارتۇق كىشى فېنتانىل قاتارلىق بىرىكمە زەھەرلىك چېكىملىكلىرى سەۋەبىدىن قازا قىلىدىكەن.

بىرىكمە ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋە مورفىندىن 100 ھەسسە كۈچلۈك بولغان فانتانىل ئەگەر 2 مىللىگرام ئىستېمال قىلىنسا، ئەجەللىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر