پۇتىن: ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز يادرو كۈچىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2002883
پۇتىن: ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز يادرو كۈچىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل سارىيىدا ھەر قايسى ھەربىي مەكتەپلەرنى ئەلاچى پۈتتۈرگەن ياش ئوفىتسېرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئارمىيەنى كۈچەيتىش يولىدا قىلىنغان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پۇتىن ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنىڭ باشتىن- ئاخىر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيەنىڭ يېڭى خىرىسلار ۋە ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، ئارمىيەنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن پۇتىن: «بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يەر شارى مۇقىملىقىنىڭ ئاساسلىق كاپالىتى بولغان يادرو كۈچىمىزنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى. باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىمىزنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ئەڭ يېڭى يارس ئەسلىھەلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇلدى. ئارمىيەمىز ئاۋانگارت ھىپەرسونىك ئۇرۇش ئوق بېشىغا ئىگە زامانىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بىلەن قايتىدىن قوراللاندۇرۇلماقتا. يېقىن كەلگۈسىدە يېڭى ئېغىر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن سارمات قويۇپ بېرىش سۇپىلىرى جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن يادرو قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوق - دورا ئامبىرىنىڭمۇ يېڭىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچى ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتلەرنى ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك بىر تەرەپ قىلىپ، يەر شارىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان پىرېزىدېنت پۇتىن، ئۇلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ، بارلىق ھەربىي قىسىملارغا تارقىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر