ھوندۇراستا تۈرمىدە 41 ئايال مەھبۇس  ئۆلدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراستىكى ئاياللار تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن جېدەل - ماجىرا سەۋەبىدىن 41 ئايال مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2002423
ھوندۇراستا تۈرمىدە 41 ئايال مەھبۇس  ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوندۇراستا چىقىدىغان «‹لا پېرانسا› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت تېگۇسىگالپانىڭ تامارا يېزىسىدىكى ئاياللار تۈرمىسىدە توپىلاڭ ۋە جېدەل – ماجىرا يۈز بەرگەن.

بۇ ئەسنادا 25 ئايال مەھبۇس كۆيدۈرۈلۈپ، 16 ئايال مەھبۇس  ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

مارا سالۋاترۇچا بىلەن بارىرىيو 18 شايكىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل - ماجىرا سەۋەبىدىن تۈرمىنىڭ ئەتراپىغا كۆپ ساندا دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.

ھوندۇراس بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇلىسسا ۋىللانۇئېۋا  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تۋىتتېر سەھىپىسىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەدىن كېيىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تامارا ئاياللار تۈرمىسىدىكى جېدەل – ماجىرانى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە بېسىقتۇرۇش توغرىلىق يوليۇرۇق چۈشۈردۈم. بۇ تۈرمىدە جېدەل – ماجىرا ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى، ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەر ئەڭ تېز شەكىلدە تۈرمە ۋەزىيىتىنى كونترول قىلدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ھوندۇراسنىڭ پايتەختى تېگۇسىگالپا شەھىرىدىن تەخمىنەن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىلاما تۈرمىسىدىمۇ قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ۋەقەنى تىنجىتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر