گىرىنفىلىد: ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ جاۋابكارى رۇسىيە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس-گىرىنفىلىد ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇساپىرلارنىڭ سانىنىڭ «رېكورت» دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2002407
گىرىنفىلىد: ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ جاۋابكارى رۇسىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرىنفېلد (تۈنۈگۈن) دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، 6- ئىيۇندا ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خېرسون رايونىنىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى كاخوۋكا توسمىسى بىلەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈن سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا ئاچقان ئادالەتسىز ئۇرۇش، مۇساپىرلار سانىنىڭ رېكورت دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنىڭ باش جاۋابكارى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۇداندىكى توقۇنۇشلارنىڭمۇ كوللېكتىپ كۆچۈشلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان گىرىنفىلىد، ئۇرۇش، سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈشكە زورلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۇنيانىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدە يەر شارىۋى كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن: «ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ يالغۇز بېشىغا يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىليونلارچە سەرگەرداننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى؛ بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم دۇنياۋى ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى» تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر