ئامېرىكادا قۇللۇققا خاتىمە بېرىش خاتىرە كۈنى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 1865 - يىلى 19 - ئىيۇن قۇللۇققا خاتىمە بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، فېدېراتىپ دەم ئېلىش كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغان جۇنتېيىن (19 - ئىيۇن)، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلەندى.

2001987
ئامېرىكادا قۇللۇققا خاتىمە بېرىش خاتىرە كۈنى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قارا تەنلىكلەرگە قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە سېلىنغان زۇلۇمنى ئەسلەش دائىرىسىدە، ھەپتە ئاخىرى ۋە تۈنۈگۈن يەنى 19 - ئىيۇن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەرىپىدىن 2021 - يىلى فېدېراتسىيە بايرىمى دەپ ئېلان قىلغان 19 - ئىيۇن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى پايتەخت ۋاشىنگتون، مارىلاند ۋە كالىفورنىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئىشتاتلاردا  ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە دالا سەيلىسى شەكىلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئافرىقا تاماقلىرى تەقدىم قىلىنغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان نۇرغۇن قارا تەنلىك ئامېرىكالىقلار، ئافرىقا - ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، «ئافرىقا ناخشا -  مۇزىكىلىرى» بىلەن كۆڭۈل ئاچتى.

سەنئەت دۇنياسىنىڭ قارا تەنلىك ناخشىچىسى بېئونسې ھەپتە ئاخىرىدا قاتناشقان 19 - ئىيۇن پائالىيىتىدە شىئونا تۇرىنى ۋە جۇلىيا سارر - جاموئىس قاتارلىق داڭلىق قارا تەنلىك كىيىم لايىھەلىگۈچىلەر تەييارلىغان كىيىملەرنى كىيدى.

خەلقنىڭ 19 – ئىيۇن كۈنىنى تەبرىكىلىگەن بايدىن شەخسىي ئادرېسىدىكى ئۇچۇرىدا، 19 - ئىيۇن فېدېراتسىيە بايرىمىنىڭ «سىمۋوللۇق ئىشارەت»تىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ «قۇللۇققا ئوخشاش چوڭ خاتالىقنى ئىپادىلەش»تىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر