ئامېرىكادا قوراللىق توقۇنۇشلار كۆپەيمەكتە

ئامېرىكادىكى ئوخشىمىغان ئىشتاتلاردا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا، تۆت كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

2001235
ئامېرىكادا قوراللىق توقۇنۇشلار كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون ئىشتاتى گرانت رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شەنبە كۈنى (17-ئىيۇن) كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر فېستىۋالدا، گورگې ئامفى تىياتىرخانىسىغا يېقىن لاگېر مەيدانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، ئىككى كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

دائىرىلەر، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسسۇرى ئىشتاتىغا قاراشلىق ساينىت لوئېس شەھىرىدە كېچىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر قوراللىق ھۇجۇمدىمۇ بىر كىشى قازا قىلىپ، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىللىنوئىس ئىشتاتىدىمۇ دۇ پېج رايونلۇق ساقچى تارماقلىرى شەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە <دۆلەتتە قۇللۇققا خاتىمە بېرىلگەن كۈن> دەپ بىلىنىدىغان «جۇنېنىت 19 - ئىيۇن» تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئوق چىقىرىش سەۋەبىدىن بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر