سەئۇدى ئەرەبىستان: قۇربان ھېيت 28-ئىيۇن باشلىنىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان بۈگۈن زۇلھەججەنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەنلىكىنى، قۇربان ھېيتنىڭ 28-ئىيۇن كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2001512
سەئۇدى ئەرەبىستان: قۇربان ھېيت 28-ئىيۇن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان (SPA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى ھىلال ئاينىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولۇپ، بۇ زۇلھەججە ئېيىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۈگۈن ھەج پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇلھەججە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى بولۇپ، زۇلھەججەنىڭ 9-كۈنىگە توغرا كېلىدىغان 27-ئىيۇن ھارپا، 28-ئىيۇن بولسا، قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەن.

ھىجرىيە كالېندارى بويىچە قۇربان ھېيت زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 - كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن باشلىنىدۇ، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر