نېپالدا كەلكۈن ئاپىتىدە 5 ئادەم قازا قىلدى
نېپالدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلەر (ANI) تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان نېپالغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى 4 رايوندا ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەن.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سانخۇۋاسابخا، تاپلېجۇڭ، پانچتخار ۋە دانكۇتا قاتارلىق رايونلارغا تەسىر كۆرسەتكەن كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 گە يەتكەن، 28 كىشى يوقاپ كەتكەن.
نېپال ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى پراكاش جۋالانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن رايونلاردا بىر قىسىم يول ۋە كۆۋرۈكلەر ۋەيران بولغان.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاپەت رايونلىرىدا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە پۈتكۈل نېپال مىقياسىدا قارا يامغۇر يېغىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.