بايدىن سۆزىدىن ئازدىمۇ ياكى چاقچاق قىلدىمۇ؟

بايدىن سۆزىنى «تەڭرى، ئايال پادىشاھنى قوغدىسۇن!» دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

2001006
بايدىن سۆزىدىن ئازدىمۇ ياكى چاقچاق قىلدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قوراللىق زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە قورال-ياراغ سانائىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز قورال-ياراغ سانائىتىنى مەغلۇب قىلىمىز» دېدى.

بايدىن كوننېكتىكات ئىشتاتىدىكى خارتفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تېخىمۇ بىخەتەر جەمئىيەت، دۆلەتلىك رەھبەرلەر يىغىنى» دا سۆز قىلدى.

بايدىن قورال ئەتكەسچىلىكىنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا فېدېراتسىيە جىنايەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  قورال لوبىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

بايدىن قورال-ياراغ سانائىتىنىڭ مەقسىتى پەقەت پايدا ئېلىش ئىكەنلىكىنى ۋە چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز قورال سانائىتىنى مەغلۇب قىلىمىز» دېدى.

بۇ جەرياندا بايدىن سۆزىنى «تەڭرى ئايال پادىشاھنى قوغدىسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ئاندا-ساندا تىلى قېيىپ كېتىش، ھاۋا بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە يىقىلىپ چۈشۈشلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كىلىۋاتقان 80 ياشلىق جو بايدىننىڭ يۇقىرىقى سۆزى بىلەن چاقچاق قىلدىمۇ ياكى سۆزىدىن ئازدىمۇ؟ چۈشەنگىلى بولمىدى.

ئاقساراي تەرەپ بۇ ھەقتە تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر