ئۇگاندادىكى بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 38 نەپىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ 41 كىشى قازا قىلدى

ئۇگاندانىڭ غەربىي چېگراسىدىكى بىر مەكتەپكە قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 38 نەپىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئىي 41 ئادەم قازا قىلدى.

2000941
ئۇگاندادىكى بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 38 نەپىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ 41 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Daily Monitor» گېزىتى، دېموكراتىك ئىتتىپاقداش كۈچلەر ناملىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىنىڭ ئوگاندانىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان مپوندۋې رايونىدىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسى بىلەن يېمەكلىك ئىسكىلاتىنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مپوندۋې – لخۇبىرىخا رايونى ئەمەلدارى سېلېۋېست ماپوزې، مەكتەپتىن 41 جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 38 نىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەسەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆيۈپ كېتىش، ئېتىۋېتىلىش ۋە پىچاقلىنىش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماپوزې، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن باشقا ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئىككىسىنىڭ شۇ يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

ئۇگاندا ئارمىيەسى نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچقان ھۇجۇمچىلارنىڭ پېيىغا چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر