سۇدانغا ئىئانە توپلاش يىغىنى 19 - ئىيۇن جەنۋەدە ئېچىلىدۇ

19 – ئىيۇن شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە سۇداندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتىگە ئاۋاز قوشۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەدىلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2000945
سۇدانغا ئىئانە توپلاش يىغىنى 19 - ئىيۇن جەنۋەدە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، مىسىر، گېرمانىيە، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان شۇنداقلا ب د ت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت مۇئاۋىن باياناتچىسى فەرخان ھەق ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەرخان ھەق ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىنىدا ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ «سېخىيلىق بىلەن» تۆھپە قوشۇشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ سۇدان ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر