ئامېرىكادىكى بەزى ئورگانلار تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى ئورگانلىرى كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2000539
ئامېرىكادىكى  بەزى ئورگانلار تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن (CNN) قانىلى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر قىسىم گۇرۇپپىلار يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئامېرىكا تور ۋە ئۇل- ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئورگىنىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغان بىر قاتار فېدېراتسىيە ئورگانلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىرغىچە قانچىلىك ئورگاننىڭ ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكادىكى غەرب شىركەتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرى بىر يۈرۈش تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى.

مىننېسوتا ۋە ئىللىنويىز ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر، ب ب س  (BBC)، ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە نېفىت ماگناتى Shell قاتارلىقلار ھۇجۇملارنىڭ زەربە ئوبيېكتى بولدى.

«C10p» ئىسىملىك رۇسچە سۆزلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا كۆپىنچە ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە تۆلەم تەلىپى قاندۇرۇلمىسا، قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر