ب د ت دارفۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ب د ت ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئۈچ ئاي بولغان سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا، ۋەزىيەتنىڭ ئىنسانىي بالايىئاپەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

2000528
ب د ت دارفۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددىي ياردەم كوردىناتورى مارتىن گىرىفتىس سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «دارفۇر ۋەزىيىتى تېزلىكتە بالايىئاپەتكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. دۇنيا بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، بالايىئاپەت قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ سۇداندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئۈچىنچى ئېيىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۇداندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ 1 مىليون 700 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ سۇداننىڭ سىرتىدا پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن دارفۇردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قاباھەتلىك چۈشكە پېتىپ قالغان شارائىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەيمەن.»

ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن جان قۇتقۇزىدىغان ئەشيالارنى تولۇقلاش ۋە بۇلارنى جايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما توقۇنۇشلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «خەلقلەر ئارىسىدا زوراۋانلىقلار كېڭىيىۋاتىدۇ، 20 يىل ئىلگىرى دارفۇردا يۈز بەرگەن ئەجەللىك توقۇنۇشلارنى ئۇلغايتقان ئېتنىك زىددىيەتنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنماقتا» دېدى.

سۇدان ئارمىيەسى ئىلگىرى قوللىغان، ئەمما مۇستەقىل ۋە پاراللېل ئارمىيە سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان تېز ياردەم قىلىش قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئارمىيە تەركىبىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تېز ياردەم قىلىش قوراللىق كۈچلىرى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە بۇنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن باشلانغان ئېغىز ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كەسكىن ۋەزىيەت،  15-ئاپرېل (2023) ئەتىگەندە پايتەخت خارتۇم ۋە ھەر قايسى شەھەرلەردە قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش سەۋەبىدىن 850 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5500 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر