ئامېرىكادا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ياردەم مەبلىغى ئوغرىلانغان

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا  كورونا مەزگىلىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ياردەم مەبلىغىدىن 280 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ۋە 123 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلنىڭ ئىسراپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2000188
ئامېرىكادا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ياردەم مەبلىغى ئوغرىلانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: AP ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جەمئىي 4 تىرىليون 200 مىليارد دوللار ئاجراتقان.

ئاگېنتلىقنىڭ «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق» دەپ ئاتىغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاجراتقان 4 تىرىليون 200 مىليارد دوللارلىق مەبلەغدىن 280 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئوغرىلانغان، 123 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئىسراپ قىلىنغان.

تەپتىشلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولسا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە ياردەم ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغنى تېزدىن تەقسىم قىلىشقا تىرىشقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ياردەم ئىلتىماسىغا چەك قويۇشنىڭ ناھايىتى ئاز، نازارەتچىلىكنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدامچىلارنىڭ ئىشىغا يارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدامچىلار تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرىنى ئىشلىتىپ، ئىشسىزلىق تەمىناتىغا ئېرىشكەن، بۇ ئالدامچىلار دۆلەت مىقياسىدىكى نۇرغۇن ئىشتاتلاردىمۇ شۇنداق قىلغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئالدامچىلىقلىرىغا قارشى كۈرەش بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى دېرىكتورى مايك گالدو ياردەم مەبلىغىنىڭ ئوغرىلىنىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى بىر ئالدامچىلىقتۇر.»

ئىگىلىنىشىچە، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئەسكەرلەر، پوپلار، باشقا ئەمەلدارلار ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2230 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئالدامچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مىڭلارچە كىشىنى تەكشۈرۈش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر