دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇكرائىنادا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇكرائىنادا كاخوۋكا توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى پارتلىتىلغاندىن كېيىن، سەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا، «سۇ سەۋەب بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» دىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1999415
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇكرائىنادا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەكىلى ژارنو خابىت ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «ھازىرغىچە سۇ سەۋەب بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەققىدە ھېچقانداق دوكلات ئېلان قىلىنمىدى، ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تەييار ھالەتتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سۇ سەۋەبىدىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەر توغرىسىدا ئاممىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ سەل يۈز بەرگەن رايوندا پاكىزە سۇغا ئېھتىياجلىق يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، پارتلىتىلغان توسمىنىڭ ئەتراپىدىكى 30 ئاھالىلەر رايونىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇ يەردىكى ساقلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خولېرا دىياگنوز ئۈسكۈنىسى تارقاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رايوندىكى مىنالارنىڭ چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈچۈن رايوندىكى مىنالارنى تازىلاش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. رايوننىڭ سۇ ئورنى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئەھۋال رايوندا مىنا سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان خەتەرلەرنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. مىنالارنىڭ ئورنى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توپلىنىشى كېرەك.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر