بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى 20 ئايدا 6337 پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

بىرمادا 2021-يىلى فېۋرالدا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيانقى دەسلەپكى 20 ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 6337 گە يەتتى.

1999470
بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى 20 ئايدا 6337 پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئوسلو تىنچلىق تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى 20 ئاي ئىچىدە بىرمادا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان پۇقرالارنىڭ سانى تەھلىل قىلىندى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 1- فېۋرالدىن 2022-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، «سىياسىي سەۋەب» لەر بىلەن 6337 كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، 2614 كىشى يارىدار قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ ئۆلۈملەرندىن 3 مىڭىنى ئارمىيە، ساقچى ۋە ئەسكەرلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، 2 مىڭ 152 ىنى قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا، «بۇ سان تاراتقۇلاردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن خېلىلا يۇقىرى، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇمات ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان جېنىدىن ئايرىغانلارنىڭ سانىنى ئاساس قىلىدۇ» دېيىلدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلدىكى چوڭ سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ۋە دۆلەتتە سىياسىي جىددىيلىك پەيدا بولغانلىقىىنى باھانە قىلىپ 2021-يىلى 1-فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

ئارمىيە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلدارلار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر