سۈرىيەدە تىك ئۇچار قازاسىدا 22  ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلاندى

سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئامېرىكالىق 22 ئەسكەر يارىلاندى.

1999099
سۈرىيەدە تىك ئۇچار قازاسىدا 22  ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 11-ئىيۇن سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 22 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ دوختۇرخانىغا، بۇلاردىن 10 ئەسكەرنىڭ ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۇنداقلا تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، تىك ئۇچارنىڭ «دۈشمەن» تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر