پارىژنىڭ كوچا ۋە يوللىرى سۇ ئاستىدا قالدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ جايلاشقان ئىلې- دە - فىرانسىيە رايونىدا شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى.
1998785
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەردە، شىددەتلىك بوران ۋە يامغۇر سەۋەبىدىن پارىژدىكى كوچا ۋە يوللارنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى كۆرۈلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، كەلكۈن سەۋەبىدىن مېترو قاتناشلىرىدا ئېغىر ئاقساشلار مەيدانغا كەلدى.
پارىژنىڭ 11-، 19-20-رايونلىرىدىكى ئاشخانىلار ۋە دۇكانلار تۈيۈقسىز كەلگەن كەلكۈن سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچىسى يوللاردا قاپسېلىپ قالدى.