رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇردى

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا 189 ئەسكەر يۇرتلىرىغا قايتتى.

1998458
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئاندرېي يېرماك 95 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ رۇسىيەدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇكرائىناغا ئەسىرگە چۈشكەن ۋە ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان 94 ئەسكەرنىڭ كىيېۋ كونترول قىلىۋاتقان زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر