تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب 9 كىشىنى ئۆلتۈردى
سومالىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ بىر مېھمانخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 9 كىشى قازا قىلدى.
1998014
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەششاباب تېررورچىلىرى پايتەخت مۇگادىشۇدىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا 3 ساقچىنى قوشقاندا جەمئىي 9 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشى يارىلاندى.
توقۇنۇشتا ئەششابابنىڭ 7 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
توقۇنۇشتىن كېيىن، مېھمانخانىدىكى 84 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.