ئامېرىكا خىتاينىڭ كۇبادا يوشۇرۇنچە تىڭشاش بازىسى قۇرۇش پىلانى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكانى يوشۇرۇنچە تىڭشاش سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدا كۇبا بىلەن كېلىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1997726
ئامېرىكا خىتاينىڭ كۇبادا يوشۇرۇنچە تىڭشاش بازىسى قۇرۇش پىلانى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون باياناتچىسى، بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ «پەۋقۇلئاددە مەخپى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغا ئىگە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى»نى مەنبە قىلغان خەۋىرىدىكى «خىتاينىڭ كۇبادا ئېلېكتىرونلۇق ئوغرىلىقچە ئاڭلاش مەركىزى قۇرۇش پىلانى بارلىقى» توغرىسىدىكى  ئۇچۇرلارنىڭ «توغرا ئەمەسلىكى» بىلدۈرۈپ: «قولىمىزدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مەن بۇ خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتالايمەن. بىزنىڭ خىتاي بىلەن كۇبانىڭ جاسۇسلۇق پونكىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرىمىز يوق» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «بارلىق مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرى»نى نازارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

بۇ جەرياندا، كۇبامۇ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش  بازىسى قۇرۇش توغرىسىدا ھاۋانا ھۆكۈمىتى بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىكەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس فېرناندېز دې كوسسىيو بۇ خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ «ئاساسسىز» ۋە «يالغان» ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئارالنى مۇقىمسىزلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ گۇئانتانامودىكى بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىدىكى «ھەر قانداق ھەربىي مەۋجۇتلۇقى»نى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر