ھايتىدىكى يەرتەۋرەشتە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۈچ كشى قازا قىلغان

ھايتىنىڭ جەنۇبىدا 4.9 بال يەر تەۋرەپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

1996250
ھايتىدىكى يەرتەۋرەشتە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۈچ كشى قازا قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) ھايتىنىڭ جەنۇبىدىكى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ دېڭىز بويىدىكى جېرېمىي شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەر يۈزىدىن 10 كىلومىتىر چۇڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن 4.9 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنمىدى.

ھايتى پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا خارابىلىقى ئاستىدىن ئۈچ جانسىز جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقى، يارىلانغانلاردىن بەزىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر