ھايتىدىكى تەبىئىي ئاپەتتە قازا قىلغانلار سانى 51 گە يەتتى

ھايتىدا ياغقان 5- ئىيۇندىكى قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 51 گە يەتتى.

1996289
ھايتىدىكى تەبىئىي ئاپەتتە قازا قىلغانلار سانى 51 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتى خەلق مۇداپىئەسى باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 51 گە، يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 18گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 140 قا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھايتى مىقياسىدا ھازىرغىچە 820 ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، 31 مىڭ 591 ئۆينى سۇ بېسىپ كەتكەن، 40 مىڭ ئائىلە تارقاقلاشتۇرۇلغان.

باياناتتا يەنە، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ كەلكۈننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، رايوننىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، يېمەكلىك، تازىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە پاكىزە ئىچىملىك سۈيىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باش مىنىستىر ئارىئېل ھېنرى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھايتىدا 2016- يىلى يۈز بەرگەن ماتتېۋ قارا بورىنىدا 800 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر