فىنلاندىيە توققۇز رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ خېلسىنكىدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىستىخبارات خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقان توققۇز خادىمنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

1996320
فىنلاندىيە توققۇز رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يىغىندا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «پىرېزىدېنت بىلەن مىنىستىرلار كېڭىشى كاخوۋكا توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى ئىنسانىي ۋە مۇھىت ئاپىتى سۈپىتىدە ئەيىبلەيدۇ. توسمىنىڭ پارتلىشى ئۇكرائىنا پۇقرالىرى ۋە مۇھىتقا كەڭ كۆلەمدە زىيان يەتكۈزگەن ئۇرۇشنىڭ يېڭىچە شەكىلدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، موسكۋانىڭ فىنلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان توققۇز ئىستىخبارات خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. بۇ كىشىلەر <ۋىيېننا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەھدىنامىسى>گە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلدى. (فىنلاندىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە رۇسىيە ئەلچىخانىسىنى ۋاقىپلاندۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيە ۋەكىلىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، رۇسىيەنىڭ خېلسىنكىدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان «ئىستىخبارات خادىمى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن توققۇز خادىمنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر