خىتايدا يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 19 ئادەم تۇپراق ۋە تاش پارچىلىرىنىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى.

1995349
خىتايدا يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لىسېن شەھىرىدىكى بىر كاندا يەر كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.

يەر كۆچۈش كان ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە ياشاش ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى.

نۇرغۇن ئىشچىلار تۇپراق ۋە تاش پارچىلىرىنىڭ ئاستىدا قالدى. ۋەقەدىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 19 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدىن بۇرۇن ئۇدا ئىككى كۈن قارا يامغۇر يېغىپ، ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن رايوندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر