ئامېرىكا خىتاي ۋە مېكسىكادىكى 17 شەخس ۋە ئورۇننى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي ۋە مېكسىكادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ خەلقئارالىق بازارلارغا تارقىلىشىغا قاتناشقان 17 شەخس ۋە ئورۇننى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

1993470
ئامېرىكا خىتاي ۋە مېكسىكادىكى 17 شەخس ۋە ئورۇننى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، چەت ئەللىكلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى قانۇنسىز «فېنتانىل» قوشۇلغان زەھەرلىك كاپسۇللۇق دورا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك سېتىش  ئىشلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار شەخس ۋە ئورۇنلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

بۇ دائىرىدە، خىتايدىكى 7 ئورۇن ۋە 6 شەخسنى، مېكسىكادىكى 1 ئورۇن ۋە 3 شەخسنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە،  چەت ئەللىكلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى مېكسىكادىكى مەزكۇر ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتە مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورىزم  ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاخباراتى ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى برايىن نېلسون «فېنتانىل» قوشۇلغان ساختا زەھەرلىك كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ ھەر يىلى مىڭلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق  دېگەن: «بىز خەتەرلىك يەر شارىۋى زەھەرلىك كاپسۇللۇق دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا خاتىمە بېرىش ۋە بۇ زەھەرلىك چېكىملىكلەر كەلتۈرۈبپ چىقىرىۋاتقان تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر