رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوق ۋە قوغۇشۇن ئېكسپورتىنى ۋاقتىنچە چەكلىدى
رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن ئىمزالىغان قارارنامىغا ئاساسەن، ئوق ۋە قوغۇشۇن ئېكسپورتى چەكلەندى.
1993573
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارارنامىغا بىنائەن رۇسىيەنىڭ ئوق ۋە قوغۇشۇن ئېكىسپورتى يىل ئاخىرىغىچە ۋاقىتلىق چەكلىنىدىغان بولدى. ئەمما بۇ چەكلەش رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئېكسپورتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان (2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان) رۇسىيە بولۇپمۇ ئېنېرگىيە قاتارلىق، ھەر خىل تاۋار ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمىلەرنى قويغان ئىدى.