كونگودا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 15 پۇقرا قازا قىلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى بېنى شەھىرىدە، دەسلەپكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 15 پۇقرا قازا قىلغان.
1993568
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېنىگە قاراشلىق كايناما رايونىدا قوزغىلاڭچى دېموكراتىك ئىتتىپاقداش قىسىملىرى (ADF) نىڭ ئەزالىرى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 15 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 9 پۇقرا يوقاپ كەتكەن.
ئۇگاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان پائالىيەت باشلىغان قوزغىلاڭچى دېموكراتىك ئىتتىپاقداش قىسىملىرى (ADF) نىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 2014 – يىلىدىن بۇيان مىڭلىغان پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 100 مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.