خىتاي ئامېرىكانىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئامېرىكا – خىتاي ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ سىنگاپوردىكى بىر باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1992969
خىتاي ئامېرىكانىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون باياناتچىسى، بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر: «خىتاي ئامېرىكا تەرەپكە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ بۇ ھەپتە سىنگاپوردا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشۈشى توغرىسىدىكى  5- ئاينىڭ باشلىرىدا سۇنغان تەكلىپىمىزنى رەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى» دېدى.

رايدېر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارمىيەلەر ئارا ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پېنتاگون باياناتچىسى رايدېر، خىتاينىڭ ئارمىيەلەر ئارا ئەھمىيەتلىك بەس - مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىشنى خالىماسلىقىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن كۆپ قاتلامدا ئوچۇق- ئاشكارا ئالاقە ئورنىتىش ۋەدىسىنى بوشاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ گېنېرال لى شاڭفۇنىڭ ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدە جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ مىنىستىر ئوستىن بىلەن كۆرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر