نىگېرىيەنىڭ يوبې ئۆلكىسىدە 115 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى

يوبې ئۆلكىلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتنىڭ ئەتە (29-ماي) ۋەزىپە باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلكىدىكى ھەر قايسى تۈرمىلەردىن 115 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىش قارارى ماقۇللانغان.

1992277
نىگېرىيەنىڭ يوبې ئۆلكىسىدە 115 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، كەچۈرۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ «پىرېزىدېنتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ۋە ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە ۋەدە بەرگەنلەر» دىن تەركىب تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۆكۈمەتنىڭ مەھبۇسلارنىڭ پىسخولوگىيەلىك ياخشىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىگە ئىشىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بايلارغا قارىتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «كىچىك مىقداردىكى جەرىمانە» سەۋەبىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ  جەرىمانىلىرىنىڭ تۆلىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىگېرىيەدە 25-فېۋرالدىن 26-فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن «بارلىق ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەر قۇرۇلتىيى (APC) تىنۇبۇ» ئەتە ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر